باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە بىرەر مىللەتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ

2017.09.13 14:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىزچىل تۈردە پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئەڭ چوڭ ئەل رايى قۇرۇلۇشى، مىليونلىغان پۇقرانىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە يەنە 50 مىليون نامرات نوپۇس بار، 2020-يىلىغىچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشىمىز.

  بۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، ئېلىمىزدە 55 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئۇددا تۆت يىل ئون مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ۋەزىپىسى ئورۇنلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تارىخىدا ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلاردا 30 نەچچە قېتىم خىزمەت تەكشۈردى، ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭ، شىنجاڭ، گۇاڭشى، نىڭشيا، چىڭخەي، گەنسۇ، يۈننەن قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا باردى، ھەر قېتىم دېگۈدەك نامراتلارنى يۆلەش مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى، نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى ھەققىدە 25 قېتىمدىن ئارتۇق مۇھىم تەستىق سالدى. باش شۇجى يۈننەندە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز دۇلوڭ مىللىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، بىرەر مىللەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  ھەر يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى بىر ئاز سانلىق مىللەت رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ كەلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە مەۋقەنى نامراتلارنى يۆلەش پەرمانىغا قارىتىپ، ئائىلىلەر ۋە ئادەملەرگىچە يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش كېرەك.

  بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە باش شۇجى سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كەنتلەر، ئاھالىلەر، ئادەملەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش، قانداق يۆلەش، قانداق چېكىندۈرۈشنىڭ ئومۇمىي جەريانى دەل جايىدا بولۇشى كېرەك، بەزىلەرنى تېخىمۇ كونكرېت يۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: باش شۇجى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىپ، بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇپ بىۋاسىتە نازارەت قىلغان، 1-قول باشلىقلار باشلامچى بولۇپ تۇتۇپ، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشى ئانچە تەس بولۇپ كەتمىدى.

  يېقىنقى بەش يىلدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى كەينى-كەينىدىن ئالاقىدار 11 ھۆججەتنى تارقاتتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلارمۇ 118 سىياسىي ھۆججەت ياكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جايلار 1 قوشۇلغان N نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يۈرۈشلۈك ھۆججىتىنى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. شەرقىي قىسىمدىكى 9 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر غەربى رايوندىكى 12 ئۆلكىگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، 30 مىللىي ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ھەممىسىنى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، شەرقىي قىسىمدىكى ئىقتىسادى جەھەتتە كۈچلۈك 267 ناھىيە ۋە غەربى قىسىمدىكى 406 نامرات ناھىيە قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر