باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىنى باھالاش نەتىجىسى 13-سېنتەبىر ئېلان قىلىندى

2017.09.13 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر 13-سېنتەبىردىن باشلاپ 26-سېنتەبىرگىچە جۇڭگو مۇخبىرلار تورى قاتارلىق ۋاسىتىلەردە ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن، 22-ئاۋغۇستتىن 27-ئاۋغۇستقىچە، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخبارات خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتى (قىسقارتىلىپ «جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى» دېيىلىدۇ) تەشكىللىگەن 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىنى باھالاش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 300 پارچە ئەسەر تاللاپ چېقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 4 ئەسەر ئالاھىدە مۇكاپاتقا، 52 پارچە ئەسەر 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 92 پارچە ئەسەر 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 152 پارچە ئەسەر 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  «جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىنى باھالاش چارىسى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر، «باھالاش تەپسىلاتى» ۋە باھالىغۇچىلار ئىسىملىكى ئاخبارات تورى، جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى تورى (جۇڭخۇا ئاخبارات تاراتقۇ تورى) ۋە «جۇڭگو ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە گېزىتى» دە ئېلان قىلىندى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە باھالىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ئېلان قىلىنىش ۋاقتى: 2017-يىل 12-سېنتەبىر سائەت 12 دىن 26-سېنتەبىر سائەت 12 گىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر تېلېفون، تېلېگرامما، خەت ياكى ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پىكىر بەرسە بولىدۇ. جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى مۇكاپات باھالاش ئىشخانىسى پىكىرلەرنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، «باھالاش چارىسى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئالاقىدار پاش قىلىش پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرىدۇ ھەم بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باھالاش كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارار چىقىرىشىغا يوللايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر