باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئەرش كېمىسى − 1» ناملىق يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى ئۆز ئالدىغا تېز كېسىشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇش سىنىقىنى تاماملىدى

2017.09.13 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئەرش كېمىسى − 1» ناملىق يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 23تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، «ئەرش ئوردىسى − 2» ناملىق ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا تېز كېسىشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇش سىنىقىنى تاماملىدى.

  يەر يۈزىدىكى تېخنىكلار سىناق باشلىنىشتىن بۇرۇن «ئەرش كېمىسى − 1»نىڭ ئوربىتىسىنى تۆت قېتىم كونترول قىلىپ، «ئەرش كېمىسى − 1» بىلەن «ئەرش ئوردىسى − 2»نى تېز كېسىشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئوربىتا شەرتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاقىدار سىناق تەييارلىقىنى تاماملىدى. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 17دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يەر يۈزى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، «ئەرش كېمىسى − 1»نىڭ ئۆز ئالدىغا تېز كېسىشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇش ئەندىزىسىگە كىرىشىنى كونترول قىلدى، بۇ يىراقتىن ئۆز ئالدىغا يېتەكلەش ۋە يېقىن ئارىلىقتىن ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئىشلەندى. يىراقتىن ئۆز ئالدىغا يېتەكلەش باسقۇچىدا، «ئەرش كېمىسى − 1» ئۆزى يىراقتىن يېتەكلەشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا باردى؛ يېقىن ئارىلىقتىن ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش باسقۇچىدا، «ئەرش كېمىسى − 1»ى «ئەرش ئوردىسى − 2»نىڭ ماسلىشىشى بىلەن كېسىشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋەتلىك يول باشلاش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ، «ئەرش ئوردىسى − 2» بىلەن كېسىشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇشنى تاماملىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن «ئەرش كېمىسى − 1» بىلەن «ئەرش ئوردىسى − 2»نىڭ تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ئۇچرىشىپ، تۇتاشتۇرۇش سىنىقىنى تاماملىدى، پۈتۈن جەريانغا ئالتە يېرىم سائەت كەتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر