باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئايرىم جايلاردا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاشتا تەكرار ئۆلچەش، ئارتۇق ھەق ئېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى

دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى تەكرار ئۆلچەپ، ئارتۇق ھەق ئېلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2017.09.08 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتىكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا، ئايرىم جايلاردا كۆرۈلگەن كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاشتا تەكرار ئۆلچەش، ئارتۇق ھەق ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يەر تەۋەلىكى مەھكىمىسى (كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسى) نىڭ مەسئۇلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنۇلارنى ئېنىق كۆرسەتتى: ئالدىنقى مەزگىللىك كەسىپ باشقۇرۇشتىكى ئۆلچەش نەتىجىسىدە، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىدىن داۋاملىق پايدىلىنىش، تەكرار ئۆلچىمەسلىك، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ يۈكىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېغىرلاتماسلىق كېرەك. شۇڭا دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقىنى تۇنجى قېتىم تىزىملاش ياكى پاسىل، چېگراسى ئۆزگەرگەن كۆچمەس مۈلۈكنى ئۆزگەرتىش، يۆتكەپ تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئالاقىدار قانۇن-نىزام بەلگىلىمىلەر بويىچە كۆچمەس مۈلۈك ئورنى، بوشلۇق چېگراسى، كۆلىمى قاتارلىق ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يوللىشى كېرەك. ھۆكۈمەت بىر تۇتاش تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان كوللېكتىپ يېرى ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى تۇنجى قېتىم تىزىملاشتا، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئاپپاراتلىرى ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تەشكىللەش ۋە تاماملاشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرگۈچى ئورۇننى ئۆزى تاللىشى، ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش ھەققىنى ھاۋالە قىلغۇچى ئىككى تەرەپ ئالاقىدار ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە بەلگىلىمىسى بويىچە كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك، ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ قانات يايدۇرغان ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە، ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرگۈچى ئورۇننى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش تەلىپىگە ئاساسەن بېكىتىش كېرەك.

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھازىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ يۈكىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېغىرلاتماسلىق كېرەك. بۇ مەسئۇل كىشى يەنە مۇنداق دېدى: كۆچمەس مۈلۈكنى ئۆزگەرتىش، يۆتكەش قاتارلىقلارنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، كۆچمەس مۈلۈك ئورنى ۋە چېگراسى ئۆزگەرمىگەن بولسا، پىرىنسىپ جەھەتتە ھازىرقى ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن داۋاملىق پايدىلىنىش كېرەك، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تەكرار تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر