- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شېن يۆيۆ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:
ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
2017.09.08 14:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- چېسلادىن 7- چېسلاغىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شەندۇڭنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شەندۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار، سوت مەھكىمىسى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ھەمدە جىنەن، زىبو ۋە چىڭداۋ قاتارلىق جايلار، شەھەر-يېزا ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قىلدى. ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملار، ئامما ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار دېگەندەك كىشىلەر بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇردى، ئەھۋال ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلدى ۋە ئاممىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدى.
شېن يۆيۆ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەر قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن، بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى يولغا قويۇش جەريانىدىكى نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تېخىمۇ ئوبدان يولغا قويۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر