باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى جايلار ئارا راسچوت قىلىش سىستېمىسى بارلىق ئۆلكە بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇش بىلەن ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تولۇق تاماملىنىدۇ

2017.09.08 11:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقا جايدا داۋالىنىشتا راسچوت قىلىشنى تورلاشتۇرۇش خىزمىتىدە بۆسۈش بولغان، دۆلەتنىڭ جايلار ئارا راسچوت قىلىش سىستېمىسى بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىشتىكى 6616 نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى تورنى ئاچقان، ئۆلكە ئاتلاپ 29 مىڭ 200 كىشىگە راسچوت قىلىپ بېرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ سۇپىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە راسچوت قىلىش 10 ئادەم / قېتىمدىن ئاشقان.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۇ جۈن مۇنداق دېدى: 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تورلاشتۇرۇش بىلەن ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشتا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تولۇق تاماملىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇزاق مۇددەتلىك كۈتۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم يەكۈنلەش-باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر