- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى جۇڭگو-چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە زىيارەت ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىدۇ، مۇخبىرلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىنىدۇ
2017.09.08 11:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، قۇرۇلتاي جۇڭگو-چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت ئىلتىماس قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، قۇرۇلتاي مۇخبىرلار تىزىملىتىش-ئەنگە ئېلىش سىستېمىسى (ئادرېسى: ) نى ئاچتى، چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى مۇشۇ سىستېما ئارقىلىق تىزىملىتىش-ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى سۇنسا بولىدۇ. زىيارەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلىنىپ، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە بولىدۇ.
جۇڭگو-چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، 19-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بېيجىڭدا قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىنىدۇ. ئاخبارات مەركىزى 19-قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن جۇڭگو-چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى قوبۇل قىلىشقا، قۇرۇلتاي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى تەشكىللەشكە، جۇڭگو-چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت پائالىيىتىنى ئالاقىلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ رەسمىي تورى پونكىتى بىلەن ئۈندىدار جامائەت نومۇرىنى ئېچىپ، مۇخبىرلارنىڭ 19-قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلىشى ۋە خەۋەر قىلىشىغا زۆرۈر بولغان ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تېخنىكا كاپالىتى قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر