باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى: نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش كېرەك

2017.08.31 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسىدە گۈزەل ئوتلاقنى قوغداش ھەرىكىتىنى باشلاش يىغىنى ئاچقان، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ كاڭجېن يىغىنغا قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ھەر دەرىجىلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تارماقلىرى مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاق بايلىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ئوتلاق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يۈ كاڭجېن مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئېلىمىز ئوتلاق بايلىقى مول دۆلەت، ھەر خىل ئوتلاق كۆلىمى 6 مىليارد مو بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ %40نى ئىگىلەيدۇ. ئوتلاق ھەم ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسى، ھەم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى، شۇنداقلا چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋاسىتىسى، چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىدىكى مۇھىم تايانچى. ئوتلاقنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇملۇقىغا، چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر