باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇق شوئار ئەمەس

2017.08.30 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ شياۋخوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جەريانىدا تيەنجىن شەھىرى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەقسىز مۇسابىقە كۆرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 16 رايوندا تەنتەربىيە ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش بېلەت تارقىتىش نۇقتىسى تەسىس قىلدى، ئاممىۋىي قاتناش يولۇچىلار تىرانسپورت ئورۇنلىرى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كاپالەتلىك قىلىش لىنىيەسىدىن 5نى پىلانلاپ ئېچىپ، شەھەر خەلقىنىڭ مۇسابىقە كۆرۈشىگە قولايلىق ياراتتى، بارلىق شەھەر ئاھالىسىگە مۇسابىقىگە قاتنىشىش، مۇسابىقە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن قىلدى.

  ساۋ شياۋخوڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇق شوئار ئەمەس، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تيەنجىن شەھەر ئاھالىسىنىڭ باش كۈزدىكى تەنھەرىكەت مەرىكىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر