- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2025-يىلى تەنتەربىيە كەسپىنىڭ كۆلىمى بەش تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ
2017.08.30 15:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
27-ئاۋغۇست 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تيەنجىندە باشلاندى، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يارقىن نۇقتىلار مەيدانغا كېلىپ، « مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ساغلام جۇڭگو» باش تېمىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماھارەت تەنتەربىيەسى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيەنىڭ بىرىكىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى يۇغۇرۇلغان يېڭى سەھنىگە ئايلاندى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئومۇمىي خەلق تەنتەربىيەسى تەنتەربىيە كەسپى بىلەن ساغلاملىق كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىستېمالنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام ئىقتىساد دەۋرىنى باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. تەنتەربىيە كەسپى، ساغلاملىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش- يېڭىدىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىش، ئىقتىساد جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچكەن.
گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «تەنتەربىيە كەسپىنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2025-يىلغىچە، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، تۈرلىرى تولۇق تەنتەربىيە كەسپى سىستېمىسى ئاساسى جەھەتتىن تۇرغۇزۇلىدۇ، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى بەش تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ «چېنىقىش ئىستىراھەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025-يىلغىچە، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، تۈرلىرى تولۇق چېنىقىش ئىستىراھەت كەسپى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، چېنىقىش ئىستىراھەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3 تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر