باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىزنىكى - كەلگۈسىگە ئاتلىنىش

2017.08.29 15:46   مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىزنىكى - كەلگۈسىگە ئاتلىنىش

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:1. ئىزناكنى لايىھەلەشتىكى ئىدىيەئىزناكنىڭ ئاساسلىق ئوبرازى «جىن» خېتى، «13» دېگەن رەقەم، «ئىككى بىلىكىنى ئاچقان ئادەم شەكلى» ۋە «خەيخې دەرياسى» قاتارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق «مەشئەل»نىڭ شەكلى ھاسىل قىلىنغان، ھەمدە مەزكۇر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «ئومۇمىي خەلق تەنھەرىكەت يىغىنى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ساغلام جۇڭگو بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

  2. ئىزناكنىڭ ئالاھىدىلىكى

  ھۆسنخەت بىلەن يېزىلغان «津» دېگەن بۇ خەتتە جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ئىپادىلىلەنگەن؛ يانتۇ بۇلۇڭلۇق قىلىپ قولدا يېزىلغان «13» دېگەن بۇ رەقەم كىشىلەرگە ھەرىكەت تۇيغۇسى بېرىدىغان بولۇپ، ئۇ،«تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كۈچلۈك» بولۇشتەك ئولىمپىك روھىغا بولغان ئىنتىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  3. كىنايەمەنىسى

  1). ئىككى بىلىكى ئېچىلغان «津» دېگەن خەتنىڭ مەنىسى: ھەر جايدىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقنى، قۇچاقنى كەڭ ئېچىپ، دۇنيانى باغرىغا باسىدىغانلىقنى، ھەمدە پۈتكۈل تيەنجىن خەلقىنىڭ تىنچ گۈللەنگەن دەۋرىدە بىر نىيەتتە ئىكەنلىكىنى، ئوچۇق كۆڭۈللۈك ۋە سىغدۇرۇشچان روھىي ھالەتتە ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

  2) مەزكۇر ئىزناكتا كۆك رەڭ ئاساسىي رەڭ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ، ھەم تەنتەربىيە روھىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھەم كەلگۈسىگە ئاتلىنىشتەك ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لېنتىسىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە تيەنجىندىكى خەيخې دەرياسى (يەنى تيەنجىننىڭ بىردىنبىر سىمۋوللۇق بەلگىسى)گە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، مەشئەل ئۇچىدىكى قىزىل يالقۇن قايناق قىزغىنلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەمدە يورۇقلۇق، ئىتتىپاقلىشىش، دوستلۇق، تىنچ ۋە ئادالەتكە سىمۋول قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ
    ·1-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە قا…
    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى