باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ھەر يىلى يېڭىدىن تۇغۇلغان جىسمانىي كەمتۈك بالىلارنىڭ سانى 900 مىڭغا يەتتى

توي قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ

2017.08.25 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇشۇ 8- ئاينىڭ 25- كۈنى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى «مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى». جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى يېڭىدىن تۇغۇلغان جىسمانىي كەمتۈك بالىلارنىڭ سانى 900 مىڭغا يەتكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن توي قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش دېگەندەك تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۇنىڭ يامىراپ كېتىشىنى كونترول قىلىش سالمىقى كۈچەيتىلىدىكەن.

  جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ شياڭياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى (2016-2020-يىللىق)نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن 2017- يىلى 6- ئايدا ھەر يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈنىنى «مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» قىلىپ تەسىس قىلىشنى رەسمىي تەستىقلىدى.

  جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى «مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» ھارپىسىدا مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش يادرولۇق بىلىملىرىنى مەخسۇس ئېلان قىلدى. بۇ بىلىملەرنىڭ ئىچىدە، بىر مۇھىم تەرەپ شۇكى، ئۇ بولسىمۇ، جىسمانىي كەمتۈك تۇغۇلۇش ۋە يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ قېلىشنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشتۇر.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى مېيىپلار ئىشلىرى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «جۇڭگو مېيىپلار ئىشلىرى تەرەققىياتى دوكلاتى (2017) »دا كۆرسىتىلىشىچە، توي قىلىشتىن ئىلگىرىكى مەجبۇرىي تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئېلىمىزدە بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇشتا جىسمانىي كەمتۈك بولۇپ تۇغۇلۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى ھالەتتە ئىكەن، مەملىكەت بويىچە جىسمانىي كەمتۈك تۇغۇلۇشنى كۆزىتىپ ئۆلچەشتىن ئىبارەت سانلىق مەلۇماتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇغۇت يېقىنلىشىش مەزگىلىدىكى جىسمانىي كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئومۇمىي كۆرۈلۈش نىسبىتى كۆپىيىشكە يۈزلەنگەن.

  جىسمانىي كەمتۈك تۇغۇلۇش ۋە يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ قېلىشنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى سەككىز ماددىلىق يادرولۇق بىلىملەرنى مەخسۇس ئېلان قىلدى. ئۇ بىلىملەر تۆۋەندىكىچە: پىلانلىق ھالدا ھامىلىدار بولۇش ۋە چوڭ ياشتىكى ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش؛ تاماكا، ھاراق، زەھەرلىك ۋە زىيانلىق ماددىلاردىن يىراق تۇرۇش؛ توي قىلىشتىن ئىلگىرىكى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ۋە ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى سۈپەتلىك تۇغۇش بويىچە ساغلاملىق تەكشۈرۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش؛ تاماق تاللىماس، فولىك كىسلاتاسى تولۇقلاپ، ئىلمىي ھالدا يود تولۇقلاپ تۇرۇش، بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ تۇرۇش؛ ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورا ئىشلىتىش؛ قەرەللىك ھالدا ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش؛ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈپ ۋە زىيارەت قىلىشنى پائال ھالدا قوبۇل قىلىش؛ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش.

  «دۆلەت مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى(2016 - 2020- يىللىق)»دا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جىسمانىي كەمتۈك بولۇپ تۇغۇلۇپ قېلىش ئىشىغا ئارىلىشىشتەك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جىسمانىي كەمتۈك تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، توي قىلىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈش ۋە ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى سۈپەتلىك تۇغۇش ساغلاملىق تەكشۈرۈشىنىڭ سالمىقىنى كۈچەيتىپ، تۇغۇشتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ۋە دىياگنوز قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە بالىلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نىسبىتى ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش نىسبىتىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80 ۋە %60تىن يۇقىرى، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ مېيىپلىق تەكشۈرۈش نىسبىتىنىڭ %85تىن يۇقىرى، ئارىلىشىش نىسبىتىنىڭ %80تىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ پەخرىي مۇدىرى لاڭ جىڭخې مۇندا دەپ قارىدى: جىسمانىي كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق خىزمەت. ھامىلىدار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دىياگنوز قويۇش، ئىرسىيەت مەسلىھەتچىلىكىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ۋە قەرەللىك ھالدا تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن باشقا، يەنە مۇۋاپىق ۋە كۆپ مەنبەلىك تۈردە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، فولىك كىسلاتاسى، ۋىتامىن ۋە كالتسىي قاتارلىق كۆپ خىل ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىمىزدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار (يەنى ۋىتامىنA ، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن C، كالتسىي قاتارلىقلار)نى قوبۇل قىلىش مىقدارى تەۋسىيە قىلىنىدىغان قىممەتتىن تۆۋەن ئىكەن. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بەدىنىدە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى ھامىلىنىڭ نېرۋا نەيچىسىنىڭ غەيرىيلىكى قاتارلىق كۆپ خىل تۇغما جىسمانىي كەمتۈكلۈكنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر