باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا داۋالاش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىش تەستىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2017.08.17 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا داۋالاش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىش تەستىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ دېدى.

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قانۇن تۈزۈم مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى گوڭ شياڭگۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كومىتېتىمىز سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت ساھەسىدىكى ئون تۈرلۈك نۇقتۇلۇق ئىسلاھات تەدبىرىنى چىقاردى، بۇنىڭ 1-ماددىسى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا داۋالاش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىش تەستىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇچۇردىن تەڭ بەھىرىمان بولۇش ۋە ئىش بېجىرىش ۋەدە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى قولايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ئاپپاراتلارنىڭ كارۋات سانى بىر مىليون 152 مىڭ 100 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش كارۋات سانى 263 مىڭ ، كۈتۈنۈش كارۋات سانى 895 مىڭ 800 ئىكەن. ياشانغانلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى تەسىس قىلغان 2-دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى دوختۇرخانا 3179، ياشانغانلار يېشىل يولى ئاچقان داۋالاش ئاپپاراتلىرى 73 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن. گوڭ شياڭگۇاڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا داۋالاش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر سىرتقا ئېچىلمىدى. بۇ داۋالاش ئاپپاراتلىرى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ئىچىدىكى ياشانغانلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، سوزۇلما خاراكتېرلىق كېسەللەر، دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللەر، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللەر جۈملىدىن كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتتە ئىچكى قىسىمدىكى ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، جەمئىيەتكە ئېچىۋىتىلمەيدۇ، شۇڭا جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئۇ يەرگە بېرىپ داۋالىنالمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر