باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئېلىمىزنىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلەغ كۆلىمى تارايدى

2017.08.17 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 15-ئاۋغۇست سودا مىنستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلىغى 57 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.3 تۆۋەنلىگەن، چەتئەللەرگە قارىغۇلارچە مەبلەغ سېلىش يەنىمۇ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەتئەلگە سالغان مەبلەغ قۇرۇلمسى داۋاملىق سەرخىللاشقان.

  سودا مىنستىرلىقى ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلىدىن باشقا ساھەدە چەتئەلگە بىۋاستە سالغان مەبلىغى ئالدىنقى ئالتە ئايدىكىگە قارىغاندا 1.5 پوئېنت ئازىيىپ، يەنىمۇ تارايغان.

  ئوخشاش مەزگىلدە، ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى 50 دۆلەتكە يېڭىدىن سالغان مەبلىغى 7 مىليارد 650 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.7 پوئېنت كۆپەيگەن.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ چەتئەلدە ھۆددە ئالغان قۇرۇلۇشلاردا چوڭ تۈرلەر كۆپ بولۇپ، ئېكىسپورتقا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىدى. 1-ئايدىن 7-ئايغىچە چەتئەلدە ھۆددە ئالغان قۇرۇلۇشتا يېڭىدىن ئىمزالىغان توختام سوممىسى 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان 384 تۈردە جەمئىي 107 مىليارد 270 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان، بۇ يېڭىدىن ئىمزالىغان توختام ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %79.3 نى ئىگىلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر