باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز سودا مۇھىتىدا يېڭى ئۈستۈنلۈك يارىتىشنى تېزلەتتى (دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئەمەلىيىتى . يېڭى تەسەۋۋۇر يېڭى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلماقتا)

ئالدىنقى يەتتا ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 16 مىڭ كارخانا قۇرۇلدى

2017.08.17 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيجۇ شەھىرىدىكى گاۋگاڭ رايونىدا كارخانىلار ئۈستىلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقان «2-قارار ھادىسىسى» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. «يىخەي» (تەيجۇ) ئاشلىق-ماي سانائىتى چەكلىك شىركىتى كادىرلار ئىشلىرى مەمۇرىيەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ياڭ خۇا مۇنداق دېدى: يەرلىك ھۆكۈمەت «خىزمەتكار» شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت «تام سىرتىدىكى» ئىشلارنى بېجىرىپ، كارخانىلار «تام ئىچىدىكى» ئىشلارنى باشقۇرۇپ، نۇرغۇن غەمدىن خالاس بولدۇق. شىركىتىمىز قارمىقىدىكى سىنگاپۇر «يىخەي جالى» گۇرۇھى جۇڭگودىكى مەبلىغىنى كۆپ قېتىم كۆپەيتتى.

  يېقىندا، «جۇڭخې» مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بېيجىڭ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى دۇڭچېڭ تارماق ئىدارىسىغا تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرگىلى بېرىپ، ئىش ئۈنۈمىنىڭ باشقىچە ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلىپ مۇنداق دېدى: ماتېرىيال تاپشۇرۇشتىن تىجارەت كىنىشكىسىنى نۇسخىلاشقىچە پەقەت 40 مىنۇت كەتتى، بۇنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن. ئەسلىدە نەچچە قېتىم قاتنايمەن دەپ ئويلىغانىدىم، نەتىجىدە بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولدۇم، شۇنداقلا بىردەمدىلا قولۇمغا ئالدىم، بەك قولايلىقكەن.

  سۈرئەت تېزلىشىپ، تېخىمۇ قولايلىقلاشتى. ئېلىمىز «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، تىجارەت مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، كارخانىلارغا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان نەپ يەتكۈزدى. دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان «2017-يىللىق دۇنيا سودا مۇھىتى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا قولايلىق دەرىجىسى جەھەتتە يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە 18 ئورۇن ئالدىغا ئاتلاپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلدا ئالتە ئورۇن ئاتلاپ يۇقىرىلىغان. شۋېتسارىيە لائۇسان خەلقئارا باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان «2017-يىللىق دۇنيا رىقابەت كۈچى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئىپادىسى ۋە ھۆكۈمەت ئۈنۈمى، تىجارەت ئۈنۈمى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئالغا ئىلگىرىلىگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر