باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «چەت ئەل مەبلىغىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىرگە ئائىت ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.08.17 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ قول قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «چەت ئەل مەبلىغىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىرگە ئائىت ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلقئارالىشىش، قۇلايلىشىش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سۈپىتىنى ياخشىلاشنى تەكىتلىدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا بەش جەھەتتىن چەت ئەل مەبلىغىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتى چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كېمەيتىش. ئىجازەت بېرىشتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسپ تىزىملىك قوشۇلغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ سىناق قىلغان چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش پاسسىپ تىزىملىكىنى ئىمكانقەدەر پۈتۈن مەملىكەتتە يولغا قويۇش كېرەك. بازارغا كىرىش ئىجازىتىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياساش، كېمە لايىھەلەش، تارماق لىنىيە ۋە ئاممىباب ئايروپىلاننى رېمونت قىلىش، ماي پونكىتى، بانكىچىلىق، ئاكسىيە كەسپى، سۇغۇرتىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، باج جەھەتتىن قوللاش سىياسىتى تۈزۈش. چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ مۇلازىمەت سودىسى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش بىلەن چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ رايون باش ئىشتابى قۇرۇشقا رىغنەتلەندۈرۈپ، چەتئەل مەبلىغىنى غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىغا يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىش سۇپىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك.

  ئۈچىنچى، دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونىغا مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تولۇق بېرىپ، دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونى تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونىنىڭ كەسپى يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىختىساسلىقلارنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش. چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارادىكى سەردار ئىختىساسلىقلارنى پائال كىرگۈزۈش كېرەك. «ئۇقتۇرۇش + ۋەدە بېرىش»، «ئالدىن قوبۇل قىلىش» قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارغا خىزمەت ئىجازىتى بېجىرىشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. يىل ئىچىدە چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلار ۋىزىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى يولغا قويۇپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلار ۋىزىسىنى تارقىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى كەڭ قويۇۋېتىش كېرەك.

  بەشىنچى، تىجارەت مۇھىتىنى ياخشىلاش. چەت ئەل مەبلىغى قانۇن سىستېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەل سودىگىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىسىنى ئەركىن پېرېۋوت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا باشقۇرۇش ئۇچۇرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ۋە كەسىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەتئەل مەبلىغىنى دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنى خىل تەشكىللەشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەتقىقات مۇھىتىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىگە قارىتىلغان سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ساقلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر