باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز بەش يىلدا يۈز مىليون توننىلىق نېفىتلىكتىن 10نى، يۈز مىليارد كۇبلۇق گازلىقتىن 13نى چارلاپ ئېنىقلىدى

نېفىت-گاز بايلىق زاپىسى تېز ئاشتى (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل)

2017.08.16 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2012-يىلدىن-2016-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە نېفىت-گاز بايلىقىنى چارلاشتا مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، نېفىت زاپىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، يۈز مىليون توننىلىق نېفىتلىكتىن 10ى چارلاپ ئېنىقلانغان. تەبىئىي گاز زاپىسى تېز ئېشىپ، يۈز مىليارد كۇبلۇق گازلىقتىن 13نى چارلاپ ئېنىقلانغان.

  مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە، بەش يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە نېفىت مەھسۇلات مىقدارى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى 200 مىليون توننىغا يېتىپ، 1 مىليارد 42 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقارغان. تۆۋەن ئوسموسلۇق نېفىت، ئۈچ قېتىم نېفىت ئېلىش ۋە قويۇق نېفىتنى ئېچىشتە مۇھىم نەتىجىگە ئېرىشكەن. تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى 120 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىپ، بەش يىلدا 596 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، دۇنيا بويىچە 18-ئورۇندىن 6-ئورۇنغا ئۆتكەن. پەۋقۇلئاددە نېفىت-گاز بايلىقىنى چارلاپ ئېچىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سالنېتس گازى، كۆمۈر قاتلىمى گازى كەسىپلەشتۈرۈلۈپ، تاۋارلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نېفىت-گاز بايلىقىنى چارلاشقا بەش يىلدا 344 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئالدىنقى بەش يىلدىكىدىن %12.6 ئاشقان؛ نېفىت-گاز چارلاش قۇدۇقى 17 مىڭ 433كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئاشقان، قېدىرىش سۈرئىتى 44 مىليون 180 مىڭ مېتىرغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر