باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىدە توختالدى

2017.08.16 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 15-ئاۋغۇست چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكىنى ئىجابىي پوزتسىيە بىلەن چاۋشيەنگە قاراتقان كونكىرىت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دەۋەت قىلدى ھەمدە چاۋشيەننىڭ بۇنىڭغا مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل، ئېنىق. بىز باشتىن-ئاخىر يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردۇق، ئۇزاقتىن بۇيان، بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز باشتىن-ئاخىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى يېرىم ئارال مەسىلىسىنىڭ يادروسى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ قولىدا، دەپ قاراپ كەلدۇق. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «قوش ۋاقىتلىق توختۇتۇش» تەشەببۇسىنى ئەستايدىل ئويلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تىنچ سۆزلىشىش ئارقىلىق، يېرىم ئارالنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك، مۇكەممەل ئىجرا قىلىدۇ، ئاۋالقىدەكلا دىپلوماتىيە ۋاستىسى ئارقىلىق، يېرىم ئارالنىڭ يادرو مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بىزمۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر