- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىل 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە تەبئىي ئاپەتتە 230 ئادەم قازا قىلدى
2017.08.16 15:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
خەلق ئىشلىرى مىنستىرلىقى تور بېكىتى 15-ئاۋغۇست خەلق ئىشلىرى مىنستىرلىقى، دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايىتىش ئىشخانىسى ئېلان قىلغان 2017-يىلى 7-ئايدىكى مەملىكەت بويىچە يۈز بەرگەن تەبئىي ئاپەت ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق، 7-ئايدا تۈرلۈك تەبئىي ئاپەتتە مەملىكەت بويىچە 54مىليون 300مىڭ ئادەم قېتىم ئاپەت زىيىنىغا ئۇچرىغان بولۇپ، 230 ئادەم قازا قىلغان، 44 ئادەم يوقاپ كەتكەن.
7-ئايدىكى تەبئىي ئاپەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسلىقى جەنۇب، شىمال تەرەپلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى. شىمالدىكى قىسمەن رايونلاردا تىمپىراتۇرا يۇقىرى بولۇپ، قۇرغاقچىلىق كۆرۈلدى؛ بوران، مۆلدۇر ئاپىتىنىڭ تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولدى؛ تەيفىڭ بورىنى كۆپ قېتىم قۇرۇقلۇققا چىقتى، يەر تەۋرەش ھەرىكىتى سەۋىيەسى نىسبەتەن بىر قەدەر تۆۋەن بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر