باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاقىدار تارماقلار شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشلىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

2017.08.16 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنسىتىرلىقى،ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، 15-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۈچ ئايلىق شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشلىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم قانات يايدۇرۇلغان تەكلىپ قىلىش، خىزمەت تونۇشتۇرۇش نامىدا شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قالپىقىنى كېيىۋېلىپ، تەكلىپ قىلىش ، خىزمەت تونۇشتۇرۇش نامى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى شاخلىتىپ سېتىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چەك قويىدىغان شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا ئالداش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنى شاخلىتىپ سېتىشقا ئالدايدىغان چوڭ دېلولار، مۇھىم دېلولار تەكشۈرۈلۈپ، تەشكىللىگۈچىلەر ۋە تايانىچلىرى قاتتىق جازالىنىپ، شاخلىتىپ سېتىش تورى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. بىۋاسىتە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. تور ۋە تور سىرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش تىجارەت قىلمىشلىرى قاتتىق قېلىپلاشتۇرلۇپ، شاخلىتىپ سېتىش ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقان تور بېكەتلەر قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، ساختا قانۇنغا خىلاپ ئېلانلار قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئىجارە ئۆينى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ.

  كۆپلىگەن تارماقلار نۇقتىلىق تەكلىپ قىلىش سەھنىلىرىگە بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، شاخلىتىپ سېتىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تارقاتقان كارخانا، تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، سىتودېنىتلار ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى تەربىيىلەش ، يېتەكلەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىگە بولغان ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر