باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جيۇزەيگۇ ئاپەت رايونىدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا بىخەتەرلىك جەھەتتە باھالاش تاماملاندى

2017.08.15 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا ئوبلاستى دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: ھازىر جيۇزەيگۇ ئاپەت رايونىدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا بىخەتەرلىك جەھەتتىكى باھالاش تاماملاندى، 324 ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ئىچىدىكى تۆتىنىڭ جايى باشقىدىن تاللاندى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت جاي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى .

  يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىي رايونى بويىدىكى ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكىلەرنىڭ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۇ ۋاقىتلىق نۇقتىلاردىكى ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يەر تەۋرەشنىڭ ئىككىلەمچى گېئولوگىيەلىك ئاپەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەرنىڭ، يەنى ئاممىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئاپەتتە ئۆلۈپ كېتىشى ۋە يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سىچۈەن ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدا بىخەتەرلىك جەھەتتىن باھالاش خىزمىتىنى دەرھال يولغا قويدى.

  بۇ قېتىم باھالانغان ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرى جەمئىي 324 بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە، مۇۋاپىقلىقى ناچار بولغىنى ئالتە جاي، مۇۋاپىق بولمىغىنى ئىككى جاي (خادىملار ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان) بولغان. باھالاش نەتىجىسىدە، مۇۋاپىقلىقى ناچار بولغان ۋە مۇۋاپىق بولمىغان سەككىز ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن تۆتى ئۈچۈن باشقىدىن جاي تاللاندى ھەمدە ئۇ جايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش قانات يايدۇرۇلدى، قالغان تۆتى كىشىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلارنى بىكار قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر