باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتايدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى

2017.08.15 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  بۇ مەنزىرە بارلىق ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ خۇددىي تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىدە. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئاساسىي قاتلامنىڭ 13 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇنەۋۋەر ۋەكىلى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارنى داۋاملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  بۇ ۋەكىللەر ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرى، يېڭى دەۋرنىڭ مۇنەۋۋەر تىپلىرى.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لاسا شەھىرى چېڭگۈەن رايونى جاشى مەھەللىسىدىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا ناھىيەسىدىن كەلگەن خۇيزۇ يىگىت ليۇ خېيزى بىلەن مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سولاڭ باجۇ پەقەت تونۇشمايتتى، لېكىن سولاڭ باجۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ليۇ خيېزىنىڭ بەش خىل مېتال دۇكىنى ئېچىشىغا ھەقسىز ئارىيەتكە بەردى. سولاڭ باجۇ تەۋە جاشى مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى 1988-يىلى قۇرۇلغان، مەھەللىدە زاڭزۇ، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولۇپ 3500 دىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ. زاڭزۇلارنىڭ «ئىناق ياشاش-چاي بىلەن تۇزغا ئوخشايدۇ» دېگەن ماقالى بار، سولاڭ باجۇ مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغاندىلا، ئاندىن گۈزەل تۇرمۇش بولىدۇ دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 8-ئايدا چىڭخەي ئۆلكىسى خەيشى موڭغۇل، زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گولمود شەھىرى بىلەن خەيدۇڭ شەھىرى خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىگە ئالايىتەن بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ئۇلارنىڭ ئۆي ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. باش شۇجى ھەر قايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى، كۆپچىلىك ئىناق ياشاپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا كەشتە سوۋغا قىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسىدىكى كەشتىچى ئاچا-سىڭىل خانئايشەم ئەنۋەر بىلەن مېھرىگۈل ئەنۋەر بېيجىڭدىن يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، كەشتىچىلىك كوپىراتىپى قۇرۇپ، يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلىدى. ئۇلار يۇرتداشلىرىغا دائىم مۇنداق دېدى: بىز ھەر مىللەتتىن بولغان قېرىنداشلار چوقۇم زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قېرىنداشتەك ياشاپ، ئورتاق ئارزۇ ئۈچۈن تېرىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى، ئەمگەك بىلەن بېيىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىشىمىز لازىم.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى باشلىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق يولداشلار كۆپ قېتىم مىللىي رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تېز تەرەققىي قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015-يىلىنىڭ بېشىدا يۈننەننى جىددىي كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ، نۇجياڭ ئوبلاستى گۇڭشەن دۇلۇڭزۇ، نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يەتتە كادىر ۋە ئامما ۋەكىلىنى ئالايىتەن كۇنمىڭغا چاقىرتىپ كۆرۈشتى. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەتنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن ۋەزىپىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى مىللىي رايونلار ۋە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى»نى چىقاردى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز پىلان تۈزۈش، ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتتى، دۆلەت دەرىجىلىك مەخسۇس پىلاننىڭ سانى زور كۆلەمدە قىسقارتىلغان ئەھۋالدا، مەركەز يەنىلا 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مەخسۇس پىلانىنى تۈزدى. بۇ-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى ساغلام، مۇقىم ئاشتى، كەسىپ قۇرۇلمىسى داۋاملىق سەرخىللاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پۇختا ئالغا سىلجىدى، ئىجتىمائىي ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى داۋاملىق كۈچەيدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئېكىلوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى تېخىمۇ روشەنلەشتى.

  تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ: 2016-يىلى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يەتتە تىرىلىيون 997 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %8.1 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 0.7 پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  2016-يىلى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى يېزا نامرات نوپۇسى 14 مىليون 110 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن تۆت مىليون 10 مىڭ كىشى ئازايدى؛ نامراتلىشىش نىسبىتى %9.4 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2.7 پوئېنت چۈشتى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت-جاڭجياكۇ يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى ئىچكى موڭغۇل بۆلىكىدە تولۇق رېلىس ياتقۇزۇلۇپ بولدى، شىزاڭ پاڭدو سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، گۇيجۇدا ھەممە ناھىيەلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى. بولۇپمۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئارقا ئۇچىدا تۇرىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندۇردى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتىۋالدى.

  بۈگۈنگە قارىساق، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە؛ كەلگۈسىگە باقساق، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن ئۇلۇغ سىمفونىيەنى ياڭراتماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر