باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرىۋوت نىسبىتى مۇقىم ئۆرلىدى

2017.08.14 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو تاشقى پېرىۋوت سودا مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 11-ئاۋغۇست خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئايرىۋاشلىنىش باھاسى ئۇدا 4-كۈنمۇ ئۆرلەپ، 11ئايدىن بۇيانقى رىكورتنى ياراتقان، يېقىنقى مەزگىلدە، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرىۋوت نىسبىتىدە داۋاملىق قىممىتى ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

  11-ئاۋغۇست خەلق پۇلىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتىدىكى ئايرىۋاش باھاسى بىر ئامېرىكا دوللىرى خەلق پۇلىغا نىسپەتەن 6.6642 يۈەن بولغان. ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرىۋوت نىسبىتىدە داۋالغۇش ئىچىدە ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، يېقىنقى مەزگىلدە تېز سۈرئەتتە قىممىتى ئاشتى. نۆۋەتتە خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرىۋوت نىسبىتى قىممىتى %4 ئەتراپىدا ئاشتى.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادى 1-،2-پەسلىدە %6.9 ئاشقان بولۇپ، يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەش، مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشتەك ۋەزىيەتنى ساقلىغان. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇ يىل 2017-يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى 3-قېتىم تەڭشىگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت ئېكىسپورت نىسبىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.5 ئاشقان. تاشقى سودا ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخىشىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا كىرىم چىقىمدىكى دائىملىق ھېساۋاتىدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاكتىپ بالانىس 71مىليارد 200مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، مۇۋاپىق دائىرىنى ساقلىغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، چەتئەللەردىن جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش ۋە سىرتقا بىۋاستە مەبلەغ سېلىش بەلگىلىك كۆلەمنى ساقلاپ، خەلقئارا كىرىم چىقىمدىكى زاپاس ساقلاش خاراكتىرى بولمىغان پۇل-مۇئامىلە ھېىساۋات تۈرى ئوخشاشلا بەلگىلىك كۆلەمدىكى ئاكتىپ بالانىسنى ساقلىغان. ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمىدە 2014-يىلدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئۇدا 2-پەسلىدە «قوش ئاكتىپ بالانىس» ئىشقا ئاشۇرۇلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر