باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەيران بولۇشنى سوتلاش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، موردا كارخانىلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

2017.08.04 13:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 3-ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشنى سوتلاش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، موردا كارخانىلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى.

  موردا كارخانىلار يىللاردىن بېرى زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان، مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلالمايدىغان، ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسى ۋە بانكىنىڭ قەرزىگە تايىنىپ كېلىۋاتقان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ، موردا كارخانىلار ئۇزاقتىن بېرى زور كۆلەمدە يەر، مەبلەغ، خام ماتېرىيال، ئەمگەك كۈچى قاتارلىق ئىجتىمائىي بايلىقنى ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى تەتۈر تەقسىملىنىش، جەمئىيەت بايلىقىدىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.

  2016-يىلى 5-ئايدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى« قانۇن بويىچە ۋەيران بولۇش دېلولىرىنى قاراپ چىقىپ، ۋەيران بولغان كارخانىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئېنىقلاش خىزمىتىنى پائال مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، بازارلىشىش، قانۇن ئارقىلىق تىزگىنلەشنى يۆنىلىش قىلىپ، ۋەيران بولۇشنى سوتلاشتا ئۈچ چوڭ خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، موردا كارخانىلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى. 2017-يىلى 31-ئىيۇلغىچە خەلق سوت مەھكىمىسى شىركەتلەرنى مەجبۇرىي ئېنىقلاش دېلولىرى ۋە ۋەيران بولۇش دېلولىرىدىن 4700دىن كۆپرەكىنى قوبۇل قىلدى، بۇ ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن خېلى كۆپ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر