باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ئوفىتسېر ئەسكەرلەرگە ئىلھام بولدى

2017.08.01 13:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇرۇخ مەشىق بازىسىدا قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى قىسىمدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەرگە ئىلھام بولدى، ئۇلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇپ، ئارمىيەنى كۈچەيتىش، قۇدرەت تاپقۇزۇش يېڭى مۇساپىسىدا يېڭى شەرەپ قۇچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پارات نەق مەيدانىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلگەن ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالدى، ئالەمچە پەخىرلەندى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق قىسمى مەلۇم دىۋىزىيەسى قىزىل ئارمىيە پوللىكىنىڭ مەلۇم باتالىيونىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى لى گېجوۋ مۇنداق دېدى؛ رەئىسنىڭ سۆزىنى نەق مەيداندىن ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ئاساسى قاتلامدىكى بىر قوماندان بولۇش سۈپىتىم بىلەن زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم، بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن مەشىقنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە قىسىمنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئارمىيەنى كۈچەيتىش نىشان تەلىپىنى ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە تەلىپىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  ئوفىتسېر ئەسكەرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە شى جىنپىڭنىڭ كۆزىدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن دەرھال ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرىگە تەشكىللەپ، بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 90 يىللىق تارىخى خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكى، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيە قەيەرگە ئۇرۇشقا ئەۋەتسە شۇ يەرگە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بارلىق ئوفىتسېر ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك تۈپ مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ئاخىرى خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت خەلقنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، مەڭگۈ خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىدىن بولۇمىز، جەڭگىۋارلىقىدىن ئىبارەت بۇ بىردىن بىر تۈپ ئۆلچەمدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىشنى مەركەز قىلىپ، دەرھال كېلەلەيدىغان، كېلىپلا ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل ئەسكەرلەردىن بولۇمىز.

  قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش چاسا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لى تېڭفېي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەن چوقۇم پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيەگە قەتئىي توغرىلىنىپ ۋە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئارمىيەنى كۈچەيتىش بۇرچىنى ئېسىمدە مەھكەم ساقلاپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، مەڭگۈ پارتىيە خەلقنىڭ سادىق مۇھاپىزەتچىسى بولىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر