باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تاشقى تارقىتىش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2017.07.28 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تاشقى تارقىتىش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى 27-ئىيۇل يەنتەي شەھىرىدە ئېچىلدى.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ۋېيمىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاشقىي تەشۋىقات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار زور ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى چىقاردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭگو ھىكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» دېگەن زور تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاشقىي تەشۋىقات خىزمىتىگە يېڭى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ ئاتا قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە تاشقى تەشۋىقات قىلىشقا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، «جۇڭگو ھىكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ياخشى يېزىپ، تاشقى سۆز قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ھىكايىسىنى تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئېسىل سۆزلەش كېرەك. تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىدە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ھىكايىسىنى تىرىشىپ ياخشى سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئىچكى سىياسىتىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى خەلقئارا جامائەتچىلىك مۇھىتى يارىتپ بېرىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق كۈتىۋېلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر