باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن بېكىتىش ئارقىلىق ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارغا ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ئوخشاش ھوقۇق بېرىش كېرەك

2017.07.28 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئۆي ئىجارىچىلىكىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتى، مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئۆي ئىجارە ئالغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىم بولغان ئىجارە مۇددىتى ۋە ئىجارە ھەققى قاتارلىق جەھەتلەردە تۈزۈم تۈزۈپ، ئىجارە ئالغۇچى ئاھالىلەرنى ئاساسى ئاممىۋىي مۇلازىمەت جەھەتتە تەدرىجىي ئۆي سېتىۋالغۇچى ئاھالىلەر بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  يېقىندا ئۆي ئىجارە بېرىش ۋە سېتىش توغرىسىدىكى تۇنجى نىزام ھەققىدە ئاشكارا پىكىر ئېلىنىپ، ئۆي ئىجارىچىلىكى ۋە سېتىش بازىرى ھەققىدە قانۇن چىقىرىش قەدىمى تىزلىتىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن قانۇنىي ۋاسىتە ئارقىلىق ئۆي ئىجارىچىلىكىدىكى تۈرلۈك قالايمىقانچىلىق توسۇلۇپ، ئىجارە ئالغۇچىلار سېتىۋالغۇچىلارغا ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە بولۇشىدىن ئۈمىد بار.

  بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق 9 تارماق بىرلىشىپ« سىرتتىن نوپۇس كۆپلەپ كىرىدىغان چوڭ ئوتتۇرا شەھەرلەردە ئۆي ئىجارىچىلىك بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، گۇاڭجۇ، شېنجېن، نەنجىڭ قاتارلىق 12 شەھەردە تۇنجى تۈركۈمدە سىناق قىلىنىدىغان بولدى.

  تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى ئىجارىچىلىك سودىسى ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شېن يۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېتىۋېلىش بىلەن ئىجارە ئېلىشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشتەك ئۆي مۈلۈك بازىرى تەمىنات سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئاپپاراتلاشقان، كۆلەملەشكەن تۇرالغۇ ئىجارىچىلىك كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  جۇڭيۈەن ئۆي مۈلۈكچىلىكىنىڭ باش ئانالىزچىسى جاڭ داۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىسقا مۇددەتتىن قارىغاندا ئىجارىچىلىك بازىرىغا كۈندىن كۈنگە ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجارىچىلىك بازىرىنىڭ ئىلگىرىكى نازارەت باشقۇرۇش كەمچىل بولۇش، بىرقەدەر قالايمىقان بولۇش باسقۇچىدىن تەدرىجىي نازارەت باشقۇرۇش كۈچلۈك بولۇشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشى مۇقەررەر. ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇش ۋە ئېلىش ئۇسۇلىدىكى تەمىناتى جۈملىدىن ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىش تەدبىرى تەدرىجىي ئىجارىچىلىك بازىرىغا كۈچ بېرىدۇ، كەلگۈسىدىكى بۇ بازار بارغانسېرى مۇنتىزىملىشىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر