باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەپتىش ئورگانلىرى تەپتىش ئۇقتۇرۇشى تۈزۈمى ئورنىتىپ، قارار مەزمۇنىنى يۈز تۇرانە ئۇقتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ

2017.07.28 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا پىكىر ئېلان قىلىپ، تەپتىش ئورگانلىرىدىن قانۇنىي ھۆججەتلەرنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەمدە تەپتىش ئۇقتۇرۇشى تۈزۈمى ئورنىتىش يولىدا ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلدى. شارائىتى بار تەپتىش مەھكىمىلىرى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش قىلىش سورۇنى تەسىس قىلىپ، تەپتىش ئەمەلدارى، دەۋاگەر، ئەرز قىلغۇچى، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلارنى نەق مەيدانغا چاقىرىپ، قارار مەزمۇنىنى يۈز تۇرانە ئۇقتۇرۇپ، قانۇنىي ھۆججەتنى يەتكۈزسە ھەمدە چۈشەندۈرۈش بەرسە بولىدۇ.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش قانۇن ھۆججەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىرى»نى چىقىرىشىدىكى مەقسەت ــ تەپتىشخىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەرزگە قاتناشقۇچىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيەدە دېلو بېجىرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىنى توغرا چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زىددىيەتنى مەنبەيىدىن پەسەيتىپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: زور، قىيىن، مۇرەككەپ دېلولار ياكى جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان دېلولار شۇنداقلا دەۋاگەر ياكى ئالاقىدار ئورگانلار ئارىسىدا باشقىچە پىكىر كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار دېلولارنى چۈشەندۈرۈشكە تولۇق ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك. زۆرۈر بولغاندا تەپتىش ئەمەلدارلىرى بىرلەشمە يىغىنى ئېچىپ مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر