باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئىسلاھات سۈرئىتى تېزلىتىلدى

(جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل . ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش)

2017.07.27 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەھەر سائەت 9 بولماي تۇرۇپلا، لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىنىڭ 6-قەۋىتىدىكى «پۇخۇا يۇڭداۋ» (You Plus ) ئالاھىدە تەربىيەلەش سىنىپىدا ئولتۇرغان ۋاڭ شياۋيەن مۇنداق دېدى: ئوقۇش باشلىغىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى، ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشكە ئىنتىزارمەن.

  ئىككى يىل بۇرۇن، ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزگەن ۋاڭ شياۋيەن بېيجىڭ شىلتون مېھمانساراي گۇرۇھىغا بېرىپ سېتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ ناھايىتى تېزلا خىزمىتىگە كىرىشىپ، كەلگۈسى كەسىپ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدەندى، بىراق ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك كۇرسلارنىڭ ئاساسەن يوقلىقىنى بايقىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى ئىسلاھاتى ئارزۇيۇمغا يەتكۈزدى.

  بۇ يىل 12-يانۋار، «پۇخۇا يۇڭداۋ» (You Plus ) ئالاھىدە تەربىيەلەش پىلانىنىڭ باشلاندى، بۇ ئۇنىڭ شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىغا تەسىس قىلىنغان شېرىكسىز كارخانىسى - «پۇخۇا يۇڭداۋ» سودا ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، 0-5 يىلغىچە خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە ياشلارنى سودا ئىقتىدارى، ئەمەلىي قوللىنىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتى جەھەتتىن تەبىيەلەيدۇ. بۇ، «پۇخۇا يۇڭداۋ»نىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم يېڭىلىق يارىتىش كەسپىنى يولغا قويۇشى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى شېرىكسىز تىجارەت خاراكتېرلىك كەسپىي ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بولماسلىق ئەھۋالىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ۋاڭ شياۋيەن 1-تۈركۈمدىكى 30 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى.

  بۇ يېڭى بۆسۈش، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنىڭ مەھسۇلى.

  2013-يىلى، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى شېرىك ۋە شېرىكسىز، پايدا ئالىدىغان كەسپىي تەربىيىلەشنى ئېچىۋەتتى، بىراق ئەسلىدىكى كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامە تەرتىپى بويىچە، كارخانىلار سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالدىن ئىلتىماس قىلىدۇ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا پاي چەكلىك گۇرۇھىدىن ئالاقىدار ئىجازەتلەرنى ماقۇللايدىغان-ماقۇللىمايدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىشى كېرەك ئىدى، بىراق جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا پاي چەكلىك گۇرۇھى تەييارلىقسىز كارخانىلارغا تىجارەت ئىجازىتى كىنىشكىسىنى تارقىتىش-تارقاتماسلىقنى بېكىتەلمەيدۇ، كارخانا قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش بۇنىڭلىق بىلەن ئۆلۈك بىر يولغا كىرىپ قالدى.

  2016-يىلى يېڭى يىلدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، 116 تۈرلۈك تەستىق ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۆزگەرتىپ ئەنگە ئالدۇرۇش، ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش، ئاشكارىلىق ۋە مۇمكىنچىلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىجازەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بەش خىل ئۇسۇل بويىچە ئىسلاھ قىلدى. «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» تەك «پەرمان ئوقى» بولغاچقا، «پۇخۇا يۇڭداۋ» ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تىجارەت كىنىشكىسى ۋە قۇرۇش ئىجازىتىنى ئىلتىماس قىلدى. سودا-سانائەت بويىچە تىزىملاشتىن رەسمىي تىجارەت باشلىغىچە بولغان قىسقىغىنا ئۈچ ئايدا، ئەركىن سودا رايونى «سۈرئىتى» «پۇخۇا يۇڭداۋ» سودا ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتىنى ھەيران قالدۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر