باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ يىللىق دوكلاتى ئېلان قىلىندى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا بازارنىڭ ئەمەلىي سېتىش كىرىمى 99 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولدى

2017.07.27 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلقئارا رەقەملىك كۆڭۈل ئېچىش كەسپى يىغىنى 26-ئىيۇل شاڭخەيدە ئېچىلدى. ئوخشاش مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان «2017–يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان جۇڭگونىڭ كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگودىكى كۆڭۈل ئېچىش ئابونتلىرى كۆلىمى 507 مىليون ئادەمگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئاشقان، خېرىدار كۆلىمى مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن؛ كۆڭۈل ئېچىش بازىرىنىڭ ئەمەلىي سېتىش كىرىمى 99 مىليارد 780 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.7 ئېشىپ، يۇقىرى ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان.

  جۇڭگو ئۈن-سىن ۋە رەقەملىك نەشرىيات جەمئىيىتى كۆڭۈل ئېچىش كەسپى نەشرىيات خىزمىتى كومىتېتى تەشكىللەپ تۈزگەن بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان تور ئويۇنى بازىرىنىڭ ئەمەلىي سېتىش كىرىمى 69 مىليارد 370 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6 ئاشقان؛ چەت ئەل بازىرىدىكى ئەمەلىي سېتىش كىرىمى 3 مىليارد 990 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.7 ئاشقان.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئابونتلار تېرمىنالى كۆڭۈل ئېچىش بازىرىنىڭ ئەمەلىي سېتىش كىرىمى 31 مىليارد 950 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشقان؛ تور بەت ئويۇنى بازىرىنىڭ ئەمەلىي سېتىش كىرىمى 8 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئازايغان؛ كۆچمە كۆڭۈل ئېچىش بازىرىنىڭ ئەمەلىي سېتىش كىرىمى 56 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولۇپ، بازاردىكى سېتىش ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %56.3ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.8 ئاشقان.

  دوكلاتتا تەھلىل قىلىنىشىچە، كۆچمە كۆڭۈل ئېچىش كەسپى ھازىرقى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان، ئىنچىكە ئايرىلغان ساھە بولۇپ، ئۇنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئەسەردىن كەلگەن ۋە كۆچمە تور دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىدىن پايدىلىنىپ تېز تەرەققىي قىلغان. مەسىلەن، كۆچمە قارتا- شاھمات تۈرىدىكى ئويۇنلار. كۆچمە كۆڭۈل ئېچىش بازىرىدا، ھەرىكەتلىك رول ئېلىش ئويۇنى، كۆپ ئادەمنىڭ توردىكى تاكتىكىلىق ماھارەت ئويۇنى، نۆۋەتلىك ئويۇن قاتارلىق ئۈچ خىل تۈر بازارنىڭ ئەمەلىي سېتىش كىرىمى بويىچە ئۈچ كۈچلۈك تۈر بولغان.

  بۇندىن باشقا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت كۆڭۈل ئېچىش بازىرىنىڭ ئەمەلىي سېتىش كىرىمى 35 مىليارد 990 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.2 ئېشىپ، ئۇدا داۋاملىق ئۆرلىدى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە ئويۇنىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە تەرەققىي قىلدى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئەدەبىيات، كىنو-تېلېۋىزىيە، كارتون ۋە يانداشما مەھسۇلات قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپلەر قوشۇلۇپ كەڭلىك، چوڭقۇرلۇقتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشتە كېڭىيىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى قوللاپ، بوشلۇقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى ھەمدە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر