باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكىتى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلاندى

2017.07.27 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكىتى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلانغان، پايدا ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.3 ئاشقان، دۆلەت كارخانىلىرى پايدىسىنىڭ تېز ئېشىشنى ساقلىغانلىقى جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى نامايەن قىلدى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت بويىچە دۆلەت ۋە دۆلەت پېيىنى كونترول قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 407 مىليارد 230 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.3 ئاشتى، پايدىسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى كىرىمنىڭ ئېشىش دەرىجىسىدىن 7.7 پوئىنتى يۇقىرى بولدى، شۇنداقلا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت تەننەرخىنىڭ %15.8لىك ئېشىش دەرىجىسىدىنمۇ يۇقىرى بولدى.

  باج تاپشۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تاپشۇرغان بېجى 2 تىرىليون 26 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشتى. دۆلەت كارخانىلىرى پايدىسىنىڭ %24.3لىك ئېشىش دەرىجىسىدىن 14.6 پوئىنتى تۆۋەن بولدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: باج تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسىنىڭ كارخانىلارنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسىدىن تۆۋەن بولۇشى تەننەرخى تۆۋەنلىتىشتە كۆزلىگەن ئۈنۈمنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنىڭ كارخانىلارنىڭ باجدىن كېيىنكى ساپ پايدىسىغا ئايلانغانلىقىنى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىنغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر