باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى تىرىۋوگا ئايروپىلانى: بوشلۇقتىكى قوماندانلىق ئىشتابى

2017.07.20 16:19   مەنبە: خەلق تورى

تۇنجى تىرىۋوگا ئايروپىلانى: بوشلۇقتىكى قوماندانلىق ئىشتابى

  سۈرەتتە: جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مۇزېيىدا تىزىپ قويۇلغان، دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۇنجى تىرىۋوگا ئايروپىلانى — «بوشلۇق ساقچىسى 1-نومۇر» (2009-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونىغا جايلاشقان ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە قىممەتلىك بۇيۇملىرى يىغىلغان جاي — جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مۇزېيىدا 270تىن ئارتۇق ئايروپىلان ساقلانغان بولۇپ، 10 مىڭغا يېقىن ئاۋىياتسىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقى بار. ئېلىمىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى تىرىۋوگا ئايروپىلانى — «بوشلۇق ساقچىسى 1-نومۇر»مۇ بۇ يەردە تىنىچ ھالدا توختىتىلغان. دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە پەن- تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بەلگە خاراكتېرلىك جابدۇقنىڭ بىرى بولغان تىرىۋوگا ئايروپىلانى ئالدىن يىراقتىن سىگنال بېرىش ۋە ھاۋادا قوماندانلىق قىلىپ يېتەكلەشكە ئىشلىتىلدۇ. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، تىرىۋوگا ئايروپىلانى ئالدىن سىگنال بېرىش، تەكشۈرۈش، قوماندانلىق قىلىش، كونترول قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق رازۋېدكا قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن ئۇچۇرلاشقان ھاۋادا ئۇرۇش قىلىش سۇپىسىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ھازىر، دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا تەخمىنەن 300 دانە تىرىۋوگا ئايروپىلانى ھاۋا ئارمىيەسىگە سەپلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟
    ·ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان ۋە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىل…
    ·لى كېچياڭ: تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم لاياقە…