باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىنى داۋالاشتا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى

2017.07.13 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئىيۇل جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بېيجىڭدىكى گېن تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ چيەنفېي سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ قان كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ شاۋيەن كوللېكتىپى دېگەندەكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۆۋەن مىقدارلىق خىمىيەلىك داۋالاش لايىھەسىنى بىرىنچى سەپتىكى ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇلى قىلىشنى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ، بالىلار ئاق قان كېسىلىنىڭ دەسلەپكى دىياگنوزى ئۈچۈن ئىشلەتكەن، ھەمدە يېقىندىن بۇيان زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

  ئاق قان كېسىلى بالىلاردا بولىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلى ئىچىدىكى كېسەل بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر كېسەل ھېسابلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى ئادەتتىكى خىمىيەلىك داۋالاش بولسا، ئاق قان كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ، مىقدارى «قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى» دېيىلىدىغان، ھەمدە ئەڭ چوڭ چىدامچانلىق دورا مىقدارى بويىچە ئىشلىتىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت، لېكىن بۇ يەنە ئىككى تۈرلۈك مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان: بىرىنچىسى، زەھەرنىڭ ئەكس تەسىرى ئېغىر دەرىجىدىكى ئەگەشمە كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئىككىنچىسى، يۇقىرى سوممىلىق داۋالاش خىراجىتى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى داۋالاشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

  مەزكۇر تەتقىقات كوللېكتىپى ئىجادىي ھالدا ئادەتتىكى خىمىيەلىك داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورا مىقدارىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ھۈجەيرە فاكتور G-CSFنىڭ تۆۋەن مىقدارلىق لايىھەسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىندۇكسىيە پەسەيتىش لايىھەسى قىلىپ، بالىلار جىددىي خاراكتېرلىك يىلىك سىستېمىلىق ئاق قان كېسىلىنى داۋالاش، ھەمدە ئەڭ يېڭى گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپىنى ئۆلچەش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ تازىلاش ئەھۋالىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىپ، ئاخىرىدا مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشكەن: تۆۋەن مىقدارلىق داۋالاش لايىھەسى بىلەن ھازىر بار بولغان ئەنئەنىۋى ئادەتتىكى خىمىيەلىك داۋالاش لايىھەسىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ۋە ھاياتلىق نىسبىتى ئوخشاش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىمىيەلىك داۋالاشنىڭ زەھەرلىك ئەكس تەسىرى كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىتىلگەن.

  بۇندىن تاشقىرى، تۆۋەن مىقدارلىق خىمىيەلىك داۋالاش لايىھەسى يەنە داۋالاش خىراجىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، كىشى بېشىغا 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە تېجەپ قېلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ بىمارنى داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر