باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچى كۈچەيدى

2017.06.28 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توردا سېتىۋېلىش، ۋېلسىپىتتىن تەڭ بەھرىمان بولۇش قاتارلىقلار ئىنتىرنېت ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن ئىبارەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئۇسۇللىرىغا تايىنىلىپ ھۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مەھسۇلاتلار. ھازىر بۇ مەھسۇلاتلار دۇنيا مىقياسىدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچى كۈچەيگەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغان يېڭى يارقىن كارتىغا ئايلاندى. بۇ جۇڭگولۇقلارنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان مەھسۇلاتلار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يېڭى تېخنىكا ساھەسىدە ماھىرلىق بىلەن يېڭىلىق ياراتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

  11- نۆۋەتلىك يازلىق داۋۇس مۇنبىرى جۇڭگونىڭ دالىيەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە، 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدا سىغدۇرۇشچان ئاشۇرۇش مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى بولدى. بۇ قېتىمقى سانائەت ئىنقىلابىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە تەرەققىيات كۈچى كۈچەيگەن جوڭگونىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان قىياپىتى نامايەن قىلىنماقتا.

  نۆۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش يادرو قىلىنغان ئىنسانلارنىڭ 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىي ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلىپ، ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى ئۆزگەرتمەكتە. جۇڭگو ئالدىنقى بىر قانچە قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىكى تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى، تېخنىكىدا قالاق بولغانلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش يېتەرلىك بولماسلىق، سانائەت سىستېمىسىدىكى نۇقساننى چوڭقۇر بىلىپ يەتتى.4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى جۇڭگونى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەگرى يولدا ماشىنىنىڭ سۈرىتىنى ئاشۇرۇپ ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭگو يېڭىدىن مۇھىم رول ئېلىشقا تىرىشماقتا. مەيلى پەن تېخنىكا تەرەققىياتى بولسۇن ياكى جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى بولسۇن، مەيلى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىش بولسۇن ياكى خېرىسقا تاقابىل تۇرۇش بولسۇن، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك، بۇ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سودا قېلىپىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئارقا كۆرىنىشتە جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ، ئېنتىرنېت قوشۇلمىسى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ 2025-يىلى شەكشۈبىھىسىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك سانائەت ئىنقىلابىي ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي كۈچ قوشىدۇ.

  ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق ساھەسىدە ئەقلىي ئىقتىدار ياسىمىچىلىقى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ 2025-يىلغىچە بولغان ئاساسلىق نىشانى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېتەرلىك تەرەققى قىلىپ، زور تۈركۈم ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسپى كارخانىلىرى يېڭىلىققا كۆچتى؛ سىفىرلىق ئىگىلىك ساھەسىدە خۇاۋېي، جوڭشىڭ قاتارلىق جۇڭگو كارخانىلىرى بۇ بىر نۆۋەتلىك دولقۇن بازىرىنىڭ يېتەكچىلىرى قاتارىغا كىردى. ئىنتىرنېت ئىگىلىكى ساھەسىدە بەيدۇ تورى ، ئەلى بابا تورى ، تېڭشۈن تورى قاتارلىق تور كارخانىلىرى خەلقئارا سەھنىدىكى چاقنىغان يولتۇزلارغا ئايلاندى.

  يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسى مۇشكۈل بولۇۋاتقان، ھامىيچىلىق بىلەن ئىچكى مايىللىق باش كۆتۈرۈۋاتقان پەيىتتە، جۇڭگو باشتىن ئاخىر ئىشىكنى ئېچىۋىتىش تەڭ مەنپەئەتلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تىز پويىزىغا چىقىشىنى قارشى ئالدى. جۇڭگودىن ئىبارەت غايەت زور بازار ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچلۈك جەلىپ قىلماقتا. يەر شارى بازىرىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ بازار ۋە مەبلەغ ئۈستۈنلىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سانائەت ئىنقىلابىيدا يەنىمۇ گەۋدىلەنمەكتە.

  ھازىر جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق كەم كوسلىرىنى، بازار ئارقىلىق كەمكوسلىرىنى تولۇقلىماكقتا؛ بارغانسىرى كۆپلىگەن دۆلەتلەر نەزىرىنى جۇڭگوغا ئاغدۇرماقتا. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى سىۋاب مۇنداق دېدى: 4- قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئېچىۋىتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىساد پائالىيىتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى دولقۇنىنىڭ قوزغاتقۇچىسىغا ئايلانماقتا.

  4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى دولقۇنىدا يېڭىلىق يارىتىۋاتقان جۇڭگو بۇ ئۆزگۈرۈپ تۇرۇۋاتقان دەۋىردە يەنە خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ. جۇڭگو 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدا جەزمەن تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر