باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە 195 مىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق شۇجى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ 1-سېپىدە كۈرەش قىلماقتا

2017.06.27 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيدىن بۇيان، مەركەز ئورگاندىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ كەنت شۇجىلىقىغا ئەۋەتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقۇسى قىلدى، ھازىر مەملىكەت بويىچە 195 مىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق شۇجى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ 1-سېپىدە كۈرەش قىلىپ، قايناق ھېسسىياتى ۋە ساداقىتى بىلەن كەنتتە تۇرۇش ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پىداكارلىق ۋە تۆھپە قوشۇش روھى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتنىڭ كونا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى تۈس قوشۇپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىگە، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  بىر قۇلۇپقا بىر ئاچقۇچ، كەنت شۇجىلىققا كىمنى تاللاش كېرەك

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇھىم پەيتكە، ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا كەلدى. 2015-يىلى 11-ئايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ: نامرات كەنتنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەنت شۇجىسىنى توغرا تاللاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىش يولىغا يېتەكلەيدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش كەنت شۇجىسىدىن ئىبارەت بۇ ئاۋانگارت ئەترەتتىن ئايرىلالمايدۇ. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىرلىشىپ 2015-يىلى 4-ئايدا «ئورگاندىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ كەنت شۇجىلىقىغا ئەۋەتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، مەملىكەت قاتلىمىدىن كەنت شۇجىسى تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈردى. مەركىزىي كومىتېت تەشىكىلات بۆلۈمى 2017-يىلى 4-ئايدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، كەنت شۇجىسىدىن ئىبارەت بۇ قوشۇننى ياخشى تاللاش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلار مەركەزنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، قايناق ھېسسىيات، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئاتلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر