باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پاش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تولۇق ساغلاملىق زەنجىرى ئارقىلىق ساختىلىققا زەربە بېرىدۇ

2017.06.27 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 27-ئىيۇن مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ شۇلى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇنىڭدىن كېيىن ساغلاملىق ساختا ئۇچۇرلىرىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، ساغلاملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساختا ئۇچۇر جامائەت پىكرىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى ۋە كۆپ تارماقلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «12320» قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق ساختا ئۇچۇر قوبۇل قىلىش بويىچە ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە پاش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، داۋالاش، سەھىيە ئىلمىي جەمئىيەتلىرى، ئۇيۇشمىلىرى، ئىتتىپاقى، تاراتقۇلارنىڭ ساغلاملىققا ئالاقىدار پىتنە-ئىغۋاغا زەربە بېرىشكە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي ئاپپاراتلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ساختا ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تارماق ھالقىپ ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ، يېقىندا مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ساغلام پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ساغلام مەكتەپ، ساختا ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ساغلام مائارىپ ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىدۇ. ھازىر تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردا نۇرغۇن ساغلاملىققا ئائىت ساختا، ھەتتا زىيانلىق ئۇچۇرلار مەۋجۇت بولۇپ، ساغلاملىق تەربىيەسى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئىلمىي، نوپۇزلۇق بولغان ساغلام پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنى بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا يەنە ساغلام پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل قۇرۇلغان دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مائارىپ مۇتەخەسىسلەر يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ساغلاملىق تەربىيەسى، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساغلام پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى پىلانلاپ، چوڭ-چوڭ ئىشلار ۋە چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەرنى تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر