باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2-تۈركۈمدىكى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىندى

2017.06.22 18:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «2-تۈركۈمدىكى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، 2-تۈركۈمدىكى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇش خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە 2-تۈركۈمدىكى 92 ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بېكىتىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىنىپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ماركىسى يارىتىلدى، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈزۈمى قېلىپى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقۇسىغا ئايلاندى. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى موتورىنى داۋاملىق يارىتىش ئۈچۈن، بىر قىسىم يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاساسىي بىر قەدەر ياخشى، ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك، ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرتكىلىك ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان رايونلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانىلارنىڭ بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنى قۇرۇشىغا يەنە مەدەت بېرىپ، تىرەكلىك ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىشانلىق ئۈنۈمىنى زورايتىپ، ئىجتىمائىي تەسىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ھەمدە ئۇنى پۈتۈن جەمئىيەتتە تەقلىد قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات يېڭى ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭى-كونا ئېنېرگىيەلەرنىڭ داۋاملىق ئالمىشىشىنى مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلىش قارار قىلىندى.

  «پىكىر»دە 2-تۈركۈمدىكى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىدىن خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ، قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە باسقۇچلۇق نەتىجە ھاسىل قىلىش تەلەپ قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر