باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىنكۆز مەھسۇلاتلىرىنى مۇنتىزىم يول بىلەن سېتىۋېلىش لازىم

2017.06.21 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى سۈپەت نازارەت قىلىش مەھكىمىسى يېقىندا تەشكىللەپ ئېلىپ بارغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىنكۆزنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەشتىن ئايان بولۇشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىنكۆزدە خېرىدارلارنى نازارەت قىلغان سىن مەزمۇنى ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەتىرى ياكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىنكۆزنى يامان نىيەتتە كونترول قىلىش قاتارلىق ئۇچۇر بىخەتەرلىكى خەۋپى باركەن.

  سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىنكۆز مەھسۇلاتلىرىنى مۇنتىزىم يول بىلەن سېتىۋېلىش، ئۈچ جەھەتتە كاپالەتسىز مەھسۇلات سېتىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك، مەخپىي ئۇچۇرىنى قوغداش ئېڭىنى ئاشۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىنكۆز مەھسۇلاتلىرى سېتىۋالغان، ئىشلەتكەن ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى قوبۇل قىلغان چاغدا، ئالاقىدار چۈشەندۈرۈش ۋە زاۋۇتنىڭ باياناتىنى ئىنچىكە كۆرۈپ، سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ ۋە مۇلازىمەتنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارىنى تولۇق ئىگىلەش، خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەتىرىگە دىققەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زاۋۇتنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىش، ساقلاش ۋە ئىشلىتىش تەلىپىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىش، ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئارزۇسى بويىچە سېتىۋېلىش ۋە تاللاش قارارى چىقىرىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر