باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قائىدىنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىي بولۇشى كېرەك

2017.06.12 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىجياجۇاڭدا بىر ماشىنا ئىگىسى پىيادىلەرگە يول بېرىپ قويغانلىقتىن ئارقىدىكى ماشىنا ئىگىسىدىن قاتتىق تاياق يەپ، تورداشلارنىڭ كۈچلۈك ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى، ئەمەلىي تۇرمۇشتا، ناھايىتى نۇرغۇن شوپۇرلارنىڭ بولۇپمۇ چىراغ يوق پىيادىلەر يولىنى توغرا كېسىپ ئۆتىدىغان ئالا بەلگە ئالدىدا پىيادىلەرگە يول بەرمەيدىغان ئادىتى بار، بەزى شوپۇرلار يول بېرىپ قويسا ئارقىدىكى شوپۇرلار خاپا بولىدۇ،ھەتتا ئارقىسىدىن سوقىدۇ، شۇنداق بولغاچقا پىيادىلەرگە يول بەرگۈسى بار شۇپۇرلارمۇ ئارقىدىكىلەردىن قورقۇپ، ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ.

  شۇڭا پىيادىلەر چىراغ ئورنىتىلمىغان ئالا بەلگە بار يولدىن ئۆتكەندە مۇزنىڭ ئۈستىدە ماڭغاندەك ناھايىتى ئاۋايلايدۇ،جېنىنى تىكىپ قويۇپ بۇ يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچېڭ شەھىرىدە بىر بوۋاي پىيادىلەر يولىنى توغرا كېسىپ ئۆتىدىغان ئالا بەلگىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلار يول بەرمەي، ماشىنا سوقۇپ قازا قىلدى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2013-يىلىدىن بېرى مەملىكەت بويىچە پىيادىلەر يولىنى كېسپ ئۆتىدىغان ئالا بەلگە ئالدىدا يول بەرمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاتناش ۋەقەلىرى 4900دىن، ۋەقەدە قازا قىلغانلار مىڭدىن، يارىدار بولغانلار 4مىڭدىن ئاشقان.

  پىيادىلار يولىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئالا بەلگە 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭ ئاساسى رولى پىيادىلەرنى يولدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە يېتەكلەش، ئالا بەلگە ئالدىدا ئاپتوموبىللارنىڭ يول بېرىشى خەلقئارالىق ئادەت.« قاتناش بىخەتەرلىك قائىدىسى»دىمۇ: ئاپتوموبىللار پىيادىلەر يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈۋاتقاندا ماشىنىنى توختىتىپ يول بېرىشى كېرەك دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەمما بۇ ئاساسى قائىدە ناھايىتى نۇرغۇن جايلاردا ئەمەلگە ئاشمىدى.

  مەدەنىيەت ساپاسى ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەر ماشىنىلىقلارنىڭ پىيادىلەرگە يول بېرىشى ھەققىدە ناھايىتى ئېنىق بەلگىلىمە ۋە جازالاش تەدبىرلىرىنى چىقارغان، بەلگىلىمە ئەمەلىيلەشمىسە ياكى جازا بېرىلمىسە بۇنداق بەلگىلىمىنىڭ ھېچقانداق كېرىكى قالمايدۇ، ئەكسىنچە پىيادىلەرگە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ، مەدەنىيلىكنىڭ ئارقىسىدا قائىدە بار، قائىدە بولسا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىشى كېرەك، مەجبۇرىي بولغاندىلا ئاندىن ئادەتكە ئايلىنىدۇ، ئادەت تەبىئىي ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ، ماشىنىلىقلار پىيادىلەرگە يول بېرىش بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلانغاندا كىشىلەرنىڭ ساپاسى تەبىئىيلا ئېشىپ بارىدۇ، شەھەرلىرىمىزدە ئىناقلىق كەيىپىياتى تېخىمۇ قويۇق بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر