باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2017.06.08 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا جېجياڭ، شاڭخەيدىكى 300 مىڭدىن كۆپرەك ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارىتتى. ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تۇنجى قېتىم قاتناشتى. بىر ئىمتىھان ئارقىلىق تەقدىرىنى بەلگىلەش ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆپ خىل تاللاشتىن ئىبارەت يېڭى تۈزۈم بارلىققا كەلدى.

  يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى يېڭىلىق دېگىنىمىز ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى ئەركىن گۇرۇپپىلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىل جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار 80 كەسىپنى تەڭ تولدۇرسا بولىدۇ، بۇنى ئاۋۋالقى يىللاردىكى تاماق تىزىملىكىنى بېكىتىپ قويۇشتەك ئادەت ھازىر تاللا تاماققا ئۆزگەردى دېيىشكە بولىدۇ.

  يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى يېڭىلىق دېگىنىمىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىغىلا قاراشتىن ھازىر ھەم تىل ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەتئەل تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل پەندىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەم ئۆزى تاللىغان ئۈچ پەننىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپا باھاسىمۇ پايدىلىنىلىدۇ. بۇ خىل ئىككىنى ئاساس قىلىش،بىردىن پايدىلىنىش تەدبىرى بىلەن بىر ئىمتىھان ئارقىلىق تەقدىرىنى بەلگىلەش قېلىپى بۇزۇپ تاشلاندى.

  يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى ئىنتايىن ئېنىق ئۇ بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆپ مەنبەلىك تاللاشقا يېتەكلەش؛ تاللاش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك، خاسلىققا ئىگە ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە، ئالىي مەكتەپلەرنى كەسپىي تەربىيەلەش نىشانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تېپىش ئىمكانىيىگە ئىگە قىلىش.

  چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان بۇ دەۋردە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشنىڭ يوللىرى كۈنسايىن كۆپ مەنبەلەشمەكتە. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىش زۆرۈر. يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جېجياڭ، شاڭخەيدە ئېلىنغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىگە ئاساسەن، ئۈچ يىلدىن كېيىنكى 2020-يىلى جۇڭگوچە زامانىۋى مائارىپ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، تۈرلەر بويىچە ئىمتىھان ئېلىش، ئۇنىۋېرسال باھالاش، كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قېلىپى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  بىلىم ئارقىلىق تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتىن تاللاش ئارقىلىق كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىشكىچە يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھايات يولىنىڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كېلەچەك يارىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر