باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوئېن شىركىتى ئۇدا بەش يىل جۇڭگوغا 140دىن ئارتۇق ئايروپىلان تاپشۇردى

2017.06.05 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بوئېن شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى باش لىدېرى جۇاڭ بورۈن ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، جۇڭگودا تىجارەتكە سېلىنىۋاتقان بارلىق پۇقرالار رېئاكتىپ ئايروپىلانلىرى ئىچىدە %50تىن كۆپرەكى بوئېن ئايروپىلانلىرى بولماقتا. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، بوئېن شىركىتىنىڭ جۇڭگو ئابۇنىتلىرىغا ئۇدا تاپشۇرغان ئايروپىلان سانى 140تىن ئاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يىلقى سانى 200گە يېقىنلىشىشتا ئۈمىد بار. بۇ يىل بوئېن شىركىتى بىلەن جۇڭگونىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ 45- يىلى. يېقىنقى كۈنلەردە، بوئېن 737نىڭ ئىش تاماملاش ۋە تاپشۇرۇش مەركىزىنىڭ جېجياڭنىڭ جۇشەندا ئىش باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. ئىش پۈتكەندىن كېيىنكى جۇشەن پۈتكۈزۈش مەركىزى 737 MAXيۈرۈشلۈك ئايروپىلانلار ئىچىدىكى بۇيۇملارنى قۇراشتۇرۇش ۋە رەڭلەپ بېزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئايروپىلانلارنىڭ يىلىغا تاپشۇرۇلۇش مىقدارى 100گە يېتىدۇ. بوئېن شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسىدىكى 20 يىلدا جۇڭگو ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان 6810 يۈرۈش يېڭى ئايروپىلانغا ئېھتىياجلىق بولىدىغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاۋىياتسىيە بازىرىغا ئايلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر