باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى سۇپا. يېڭى تەرەققىيات. يېڭى پۇرسەت

2017 - يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.06.05 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017 - يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا يەرمەنكىسى، 21- نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرق-غەرب ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى 3- ئىيۇن قەدىمىي شەھەر شىئەندە ئۆتكۈزۈلدى، 7- ئىيۇن يېپىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «يېڭى سۇپا. يېڭى تەرەققىيات. يېڭى پۇرسەت» بولۇپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى 42 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار، سودىگەرلەر، دۆلەت ئىچىدىكى 28 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، ھەمدە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ 13 شۆبە ئۆمىكى قاتناشقان. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدىكى ئاساسلىق مېھمان دۆلەت سېربىيە جۇمھۇرىيىتى، ئاساسلىق مېھمان ئۆلكىلەر بولسا، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، قاتارلىقىلاردىن ئىبارەت.

  2017- يىللىق يىپەك يولى يەرمەنكىسىدە شىئەن شەھىرى ئاساسى تېما شەھىرى قىلىنغان، بۇمۇ يىپەك يولى يەرمەنكىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاساسى تېما شەھىرى تەسىس قىلىنغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى يەرمەنكىسىدە يەنە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى»، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بويىچە باشلىقلار مۇنبىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك چىنلىڭ مۇنبىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. يىغىن ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى يەرمەنكىسى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى «سىياسىي جەھەتتە ئالاقە ئورنىتىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل رايىنى بىرلەشتۈرۈش» دېگەندەك روھى ھالەتلەر بويىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى رايونلارغا مەبلەغ سېلىش، ئىقتىساد-سودا، ساياھەت مەدەنىيەت، تاۋار ماركىسى، داۋالاش ‐ سەھىيە، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلۈك ھەمكارلىقلارغا ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆپ ساھەگە چېتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر