باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگونىڭ ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدا ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.06.02 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 1- ئىيۇندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ بۇ يىلقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ ھەم قوللايدۇ.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدا ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ ئەزا بولۇش تەرتىپى تاماملىنىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق كېڭىيىش تاماملىنىپ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، مىسلىسىز تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھىندىستان ۋە پاكىستان بىلەن ئەسلەتمە مەجبۇرىيىتى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن تەرتىپلىرىنى جىددىي ئادا قىلماقتا، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا.

  خۇا چۇنيىڭ: «ھىندىستان ۋە پاكىستان ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ۋە «ئۇزۇنغىچە ئىناق ئۆتۈش دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»گە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىر يۆنىلىشتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دوستانە ھەمكارلىشىپ، <شاڭخەي روھى> بويىچە ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا بىرلىكتە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى كېڭەيتىش مۇساپىسىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش ئەزا دۆلەتلەر ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش. 2015 ـ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇفا باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەر ھىندىستان ۋە پاكىستاننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى باشلىدى. 2016 ـ يىللىق تاشكەنت باشلىقلار يىغىنىدا، ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىدىكى مەجبۇرىيەت ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر