باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللىي تىل-يېزىق شىنجاڭدا كەڭ قوللىنىلدى

2017.06.02 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئىيۇن ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا: مىللىي تىل-يېزىق شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق، رادىيو- تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، ئىجتىمائىي جامائەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلدى، دەپ كۆرسىتىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر شىنجاڭدىكى 13 نەشرىياتتا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىزغىزچە، مۇڭغۇلچە، شىبەچە ئالتە خىل تىل-يېزىقتا كىتاب، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكتىرون نەشر بۇيۇملىرى نەشر قىلىنىدىكەن. 110 خىل گېزىت ئاشكارا تارقىتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى گېزىت 52 خىل ئىكەن. تارقىتىلغان ژۇرنال 200 خىلغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى قەرەللىك ژۇرنالدىن 120 خىلى بار ئىكەن. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، موڭغۇلچە تۆت خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىدىغان شىنجاڭ گېزىتى جۇڭگودىكى يېزىق تۈرى ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى ئىكەن. چاپچال گېزىتى دۇنيادىكى بىردىنبىر شىبەچە گېزىت ئىكەن. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ھازىر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، مۇڭغۇلچە، قىرغىزچە بەش خىل تىلدا 15 يۈرۈش رادىيو پىروگراممىسى ئاڭلىتىدىكەن. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە تۆت خىل تىلدىكى 12 يۈرۈش تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئاڭلىتىش قانىلى، تىل تۈرى ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىكەن.

  مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش جەھەتتە، ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەبلەغ سېلىپ، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، بېشبالىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداپ رېمونت قىلدى، 3000دىن ئارتۇق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابقا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئىككىسى، دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىي داڭلىق شەھەردىن بەشى، دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 113ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 558ى، 182 دۆلەت ئورۇنلىرىدا 610 مىڭ 600 دىن ئارتۇق يىغىۋېلىنىپ ساقلىنىۋاتقان يۆتكەلمە مەدەنىيەت يادىكارلىقى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر