باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ ئىجراسى تەكشۈرۈلىدۇ

2017.06.01 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، ئەسەر ھوقۇقى خىزمىتىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 26-ماي بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش-مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى كونكرېت تەدبىركەن شۇنداقلا بۇ يىل ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم نازارەت قىلىش خىزمىتىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-ئاينىڭ بېشىغىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، چىڭخەي قاتارلىق بەش ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى تەكشۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تيەنجىن، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، چۇڭچىڭ، گۈيجۇ، سىچۈەن قاتارلىق 10 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا ئۆز مەمۇرى رايون تەۋەسىدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىدىكەن. 8-ئاينىڭ ئاخىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلايدىكەن ھەمدە قاراپ چىقىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر