باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

30-ماي تۇنجى مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى

2017.05.31 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-ماي تۇنجى مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى. ئۆتكەن يىلى 5-ئاينىڭ 30-،31-كۈنى مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىك ئاكادېمىكلىرى يىغىنى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9-قۇرۇلتىيى بىرلا ۋاقىتتا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتكە دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش چاقىرىقىنى چىقاردى. بىر يىلدىن بۇيان، رايونلار، تارماقلار يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تايانچ، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىنى يېڭى باسقۇچقا كىرگۈزدى.

  ئۆتكەن بىر يىلدا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش-ئىقتىسادى تەرەققىيات، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۈچلۈك قوللىدى، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %56.2 كە يەتتى. چوڭ ئاساسى تەتقىقات ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى نەتىجىلەردىن: دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېغىز دىيامېتىرى 500مېتىر بولغان شارسىمان رادىيو تېلېسكوپىنىڭ ئاساسى گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملاندى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شارسىمان رادىيو تېلېسكوپ تۈرىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى لى دې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تېلېسكوپ پۈتكەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ مەلۇم رادىيو دولقۇنى بۆلىكى تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەسۋابقا ئىگە بولىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان پۇرسەتكە ئىگە بولدى.

  بىر يىل ئىچىدە، «ۋۇكۇڭ» ناملىق تۇتۇق زەررىچىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمرىيى، يەر شارى بويىچە كاربون تۆت ئوكسىدنى ئۆلچەش ئىلمى سىناق قىلىش سۈنئىي ھەمرىيى ۋە «مۇزى»ناملىق كىۋانت ئالاقە تەجرىبە سۈنئىي ھەمرىيى ئارقا-ئارقىدىن قويۇپ بېرىلدى. ساماۋى كېمە 1-نومۇر بىلەن ساماۋى ئوردا 2-نومۇرلۇق بوشلۇق تەجرىبىخانىسى تۇتاشتۇرۇلدى، «شىنۋىي تەيخۇ كۆلى مەنزىرىسى» دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر سىستېمىسى دۇنيا بويىچە سىپىرلىق ھېسابلاشتا 500 كۈچلۈكنىڭ ئالدىدا تۈردى، C919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچتى، دۇنيا بويىچە تۇنجى 4-ئەۋلاد يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا بىلەن سوۋۇتۇش سودا تۈسىنى ئالغان ئۈلگە قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ G4 كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى پۈتتۈرۈلدى، بىر تۈركۈم زور نەتىجىلەر دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر