باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى

ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن دۇنيانىڭ %40نى ئىگىلىدى

2017.05.19 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چايچىلىق دۆلىتىگە ۋە چاي ئىستېمالچىلىق بازىرىغا ئايلاندى. 2016- يىلى، جۇڭگونىڭ چايزارلىق كۆلىمى ئىككى مىليون 870 مىڭ گېكتار، مەھسۇلات مىقدارى ئىككى مىليون 400 نەچچە مىڭ تونناغا يەتكەن، تېرىقچىلىق كۆلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، چاينىڭ ئىستېمال مىقدارى ئىككى مىليون توننىدىن ئاشقان.

  18- ماي، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا چاي كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئېيتتى.

  ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمىدىكى داڭلىق يېشىل چاي، شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىدىكى سۈپەتلىك ۋۇلۇڭ چېيى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى ئالاھىدە يېشىل چاي، غەربىي جەنۇبىي رايونلىرىدىكى قىزىل چاي ۋە ئالاھىدە چاي دېگەندەك چايلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۈستۈنلۈك ئورنىدا تۇرىدىغان تۆت چوڭ رايون بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە بىردىنبىر كۆك چاي، قىزىل پەمىلچاي، ۋۇلۇڭ چېيى، قارا چاي، ئاق چاي ۋە سېرىق چاي دېگەندەك ئالتە خىل چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى.

  نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ۋە رايون 60 نەچچىگە يەتكەن، چاي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالتە مىليون توننىغا، سودا مىقدارى ئىككى مىليون توننىغا ۋە چاي ئىچىش نوپۇسى ئىككى مىلياردقا يەتكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مىڭغا يېقىن كارخانا قاتناشتى، يەرمەنكىدە يېشىل چاي، قىزىل پەمىلچاي، ئاق چاي، قارا چاي، ۋۇلۇڭ چېيى ۋە سېرىق چاي قاتارلىق ئالتە خىل چاي ۋە تۈمەن خىل تۈر كۆرگەزمە قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر