باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لاڭ پىڭ جۇڭگو ۋالىبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولماقچى

2017.05.19 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋالىبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋە جۇڭگو ۋلىبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى لى چۈەنچياڭ 18- ماي مۇنداق دېدى: لاڭ پىڭنىڭ ۋالىبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇشى ۋالىبولچىلار جەمئىيىتىگە كەسىپلەشكەن مۇتەخەسسىسلەر تىپىدىكى رەھبەرنىڭ قوشۇلۇشى ۋە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

  نۆۋەتتە، لى چۈەنچياڭ بىلەن لاڭ پىڭ شاڭخەيدە 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋالىبول تەييارلىق مۇسابىقىسىنى كۆرمەكتە. لى چۈەنچياڭ تېلېفون ئارقىلىق مۇخبىرغا، رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى يېتەكلەپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن لاڭ پىڭ جۇڭگو ۋالىبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر