باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ ئورگانلىرى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ ئەھۋاللارنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرىدۇ، ھەر ئايدا بىر تۈركۈم ئاپتوموبىل ھەيدىشى ئۆمۈرلۈك چەكلەنگەنلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ

2017.05.19 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا زور، ئالاھىدە يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەپەرۋەرلىك سىن يىغىنى ئېچىپ، 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق قاتناش ساقچىسى قانۇن ئىجرا قىلىش پونكىتلىرى، ئۆلكە چېگراسى قانۇن ئىجرا قىلىش پونكىتلىرىدا 24 سائەت ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى يولغا قويۇپ، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ گەۋدىلىك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەش سىستېمىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ دەل جايىدا مۇداپىئەلىنىپ، دەل جايىدا زەربە بېرىپ، زور، ئالاھىدە قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى قەتئىي تىزگىنلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار ھەر ئايدا بىر قېتىم ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، قاتناش قانۇنىغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلار ۋە سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن تىرانسپورت كارخانىلىرىنى مەركەزلىك ئاشكارىلاپ، ئاپتوموبىل ھەيدىشى ئۆمۈرلۈك چەكلەنگەنلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ؛ ئالاقە تورى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى، يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى، «مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار»سۇپىسىغا تايىنىپ، نۇقتىلىق ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىغا نۇقتىلار ئارا ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىدۇ. ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىسىنى مەركەزلىك ئېچىپ تاشلاپ، ئاپتوموبىل، يول، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئاشكارىلايدۇ ھەم تۈزەشنى كۈچەيتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر