باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: 6-ئاينىڭ 30-كۈندىن بۇرۇن «تاياقسىمان پولات»نى تەلتۆكۈس بىكار قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

2017.05.19 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 18-ماي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ماكرو ئىگىلىكنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. مېڭ ۋېي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمىتىدە ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى تونۇشتۇردى. ھازىرغىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 31 مىليون 700 مىڭ توننا پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چېكىنىپ چىقىپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %63.4 نى تاماملانغان؛ 68 مىليون 970 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چېكىنىپ چىقىپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %46نى تاماملانغان.

  ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمىتىدە پائال نەتىجە ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە، بەزىلەر «بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگەتسە، بىر تەرەپتىن مەھسۇلات ئىقتىدارى ئېشىش»تەك ئەھۋالنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى، بۇ خىل ئەھۋال بەزى جايلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ئىرادىسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىپادىلەمدۇ؟ باياناتچى مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشنى نوقۇل مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىش دېيىشكە بولمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقى تۈگىتىشتە تۆۋەن دەرىجىلىك، ئۈنۈمسىز تەمىنلەش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ساھەنىڭ ھەرىكەت ئومۇمىي ساپاسى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سەرخىلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ جەرياندا ئوشۇق، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي تۈگىتىش؛ بىخەتەر، پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەننەرخى تۆۋەن ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك ئاشۇرۇش كېرەك.

  كېيىنكى قەدەمدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ؟ بۇ يىل 1-ئايدىكى مەخسۇس تەكشۈرۈشتە قانۇنسىز «تاياقسىمان پولات» ئىشلەپچىقىرىش، چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرمەسلىك، ئەسلىھەلەرنى چۇۋۇش ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى بايقالدى، كېيىنكى قەدەمدە نۇقتىلىق ھالدا بۇ مەسىلىلەرگە تەدبىر قوللىنىپ، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەشكە تېگىشلىكلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، جايلار 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەكشۈرۈشنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، دوكلات يېزىپ گوۋۇيۈەنگە مەلۇم قىلىشى كېرەك، پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىدىكى ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جايلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جايلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، پاش قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر